Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

گۈزەل تۇرمۇشىمىز پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى

Go down

گۈزەل تۇرمۇشىمىز پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى Empty گۈزەل تۇرمۇشىمىز پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى

Yollash  uyghurman Fri Apr 30, 2021 4:01 am

بۇرچىن ناھىيەسى لىدا پېرۋاي پاختا توقۇمىچىلىق قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى:

گۈزەل تۇرمۇشىمىز پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى

يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، بەزى چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى توسۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، مەقسىتى شىنجاڭ پاختىسىدىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش. بۇ ئاساسسىز گەپ - سۆزلەر پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك.

بىز شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا گۇۋاھ بولدۇق. لىدا پېرۋاي پاختا توقۇمىچىلىق قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2012 - يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان قازاق مىللىتىنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرى پاختا يىپتىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەممىسىگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك پاختىسى ئىشلىتىلگەن، بىز مىللىي خاسلىقنى ساقلاش ئاساسىدا، ئىچكىرى رايونلارنىڭ مۇنەۋۋەر كەشتىچىلىك ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇبنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردۇق، مەيلى كەشتە نۇسخىسى ياكى بېرىلگەن رەڭلەر بولسۇن، ھەممىسى قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مەھسۇلاتلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دەيدىغان گەپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. شىركىتىمىزدىكى ئاچا - سىڭىللارمۇ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق شىركىتىمىزگە كىرگەن، ئۇلار ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاپ، شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، ھەر ئايدا ئەمگەك ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئالىدۇ. بىرنەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىركىتىمىزنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى دەسلەپكى ئالتە كىشىدىن 90 نەچچە كىشىگە كۆپەيدى. شىركەت يەنە بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا ئالتە پىششىقلاش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم قازاق خانىم - قىزلارنى خام ماتېرىيال، پاتېنتلىق نۇسخا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۆيىدە كەشتە تىكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەربىر ئادەم ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 - 2000 يۈەن پۇل تاپالايدۇ. ئاچا - سىڭىللار كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

مەيلى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا قانداق بوھتان چاپلىسۇن، قارا چاپلىسۇن، يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يالغان - ياۋىداق سۆز بولۇپ، پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ. بىز ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قىزغىن سۆيىمىز، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىمىزغا پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ. شىنجاڭنىڭ پاختىسى پاك - پاكىز، نۇقسانسىز، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزمۇ ئاپئاق پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى!

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.