شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار
1. bet (jem'iy 1 bet)

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 55 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نەچچە مىڭ كىلومېتىرنى ھالقىپ ئۆتتى، شىنجاڭدىكى 20 نەچچە ئاساسىي قاتلام كادىرى، ئامما ئۇلىنىش شەكلىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە كىشىلىك ھايات ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»دىكى بەزى ئاتالمىش «گۇۋاھلىق بەرگۈچى»لەر ئوينىغان رەزىل ئويۇنغا رەددىيە بېرىپ، كىشىلەرگە بۇ «ياۋا سوت»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسەتتى.
«ئىلگىرى قازانچىدا سۇ تۇرۇبىسى ۋە يۇندى تۇرۇبىسى يوق، يوللار پاتقاق ئىدى. ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە قازانچى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ئاساسىي كوچا بولغان ئالغا كوچىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيەت كوچا - رايونلىرى قاتارىغا كىردى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى قازانچى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى قۇندۇز تۇرسۇنمەمەت سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا قازانچىدىكىگە ئوخشاش مىللىي خاسلىققا ئىگە قۇرۇلۇشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قوغدىشىدا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىندى، راۋاجلاندۇرۇلدى. «مەن ئۇلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەيلى ئۇلار قانداق پىتنە - ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىسۇن، شىنجاڭنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە قۇرۇلۇشلىرى يەنىلا بۇ يەردە نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئۇلار توقۇغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر تولىمۇ كۈلكىلىك».
«بىز پۇقرالار بۈگۈنكى كۈندە بەك خۇشال...» رىياسەتچى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمىنمودۇن بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى راخمان تۇرسۇن خۇشاللىقىدا ناخشا ئېيتىپ كەتتى. راخماننىڭ كەينىدىكى 40 مو شوخلا ئېتىزىدىكى قىپقىزىل شوخلىلار شاخلىرىغا پاتماي قالغانىدى، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇ شوخلا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ رىياسەتچىگە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شوخلىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى ياخشى، ئومۇمىي كىرىمىم تەخمىنەن 250 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن. ئائىلىمىزگە ماشىنا سېتىۋالدۇق، يازدا كەنتتە تۇرىمىز، قىشتا ناھىيە بازىرىدىكى ئۆيگە كۆچۈپ بېرىپ تۇرىمىز، بىكار ۋاقىتلاردا بازار ئايلىنىمىز، ساياھەتكە چىقىمىز، مەن بۇنداق تۇرمۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.
«20 نەچچە ئاساسىي قاتلام كادىرى، ئامما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى، ئەمگەك، مەدەنىيەتنى قوغداش، دىنىي ئېتىقاد، مەكتەپ مائارىپى قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتىن سۆز قىلىپ، كۆپچىلىككە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە كىمنىڭ ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، كىمنىڭ راست گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ھەق - ناھەق، توغرا - خاتانى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا «يالغانچىلىقنى شۇ جايدىكى كىشىلەردىن يوشۇرغىلى بولمايدۇ» دەيدىغان ماقال بار. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىغان كىشىلەر، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىپ تۈپتىن ئۆزگەرگەن تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئېتىز بېشىدا تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان پاختىكارلار، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ ئىشلەۋاتقان، سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت - سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار... ئۇلار شىنجاڭدا ياشاپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنى ھېس قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە گۇۋاھچىلار.
«شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى شۇ جايدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنداق دېدى: لېكىن يەنە بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، قىلچە تەپ تارتماي شىنجاڭغا تۆھمەت قىلىپ، ھەممە يەردە كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بىمەنە سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ساختا «ئىسپات»لارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ماھىيەتتە، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق چۈمپەردىسىگە ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇ، پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق، شۇنداقلا ئۇلار بۇنى ئەسلا ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.

uyghur123- Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06
1. bet (jem'iy 1 bet)
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
|
|
Thu Sep 23, 2021 5:26 am by uyghur123
» Xinjiang residents dismiss 'Uygur Tribunal' allegations of human rights
Thu Sep 23, 2021 5:22 am by uyghur123
» Xinjiang residents debunk lies fabricated by Western politicians, anti-China forces
Thu Sep 23, 2021 5:08 am by uyghur123
» Xinjiang residents share traditional sports, refute 'cultural genocide' claims
Thu Sep 23, 2021 4:56 am by uyghur123
» شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار
Thu Sep 23, 2021 4:28 am by uyghur123
» Xinjiang residents tell stories of regional development
Thu Sep 16, 2021 12:50 pm by uyghurman
» No one cares more than Chinese government about development in Xinjiang: Chinese envoy
Thu Sep 16, 2021 12:48 pm by uyghurman
» Countries praise China’s poverty reduction, human rights improvement
Thu Sep 16, 2021 12:47 pm by uyghurman
» Just an organization that 'courts' lies
Thu Sep 16, 2021 12:46 pm by uyghurman