تاشقى سودا ئۇدا ئۈچ ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى
1. bet (jem'iy 1 bet)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 51 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشقان. 3 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشقان.
ئالدىنقى بەش ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 38 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.7 ئاشقان؛ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولغان. بولۇپمۇ 5 - ئايدا، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.3 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %21.9 ئاشقان. تاۋارلار بويىچە قارىغاندا، ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك ھەم كىيىم - كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرى، ئاياغ قاتارلىق ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد 301 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.88 ئاشقان.
ئالدىنقى بەش ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ھەمراھ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى قويۇقلاشقان. قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشقان؛ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە جانلىنىش ھالىتى نامايان بولغان. ئالدىنقى بەش ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 43 مىليارد 810 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %85ىنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، RCEP («رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»)گە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودىدىمۇ ئۆرلەش ھالىتى نامايان بولغان، 5 - ئايدا RCEP دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.1 ئاشقان.
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ جانلىنىشى تاشقى سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. ئالدىنقى بەش ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 23 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.8 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46.2ىنى ئىگىلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيول پورتلىرى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغان، تورغات پورتى «چېگرا ھالقىغان كۆتۈرۈپ قاچىلاش»تىن ئىبارەت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ياراتقان، باقتۇ پورتى «تەكشى تاختىلىق پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇش+ۋاگونسىمان پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىق تەدبىرى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

uyghur123- Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06
1. bet (jem'iy 1 bet)
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
|
|
Thu Sep 23, 2021 5:26 am by uyghur123
» Xinjiang residents dismiss 'Uygur Tribunal' allegations of human rights
Thu Sep 23, 2021 5:22 am by uyghur123
» Xinjiang residents debunk lies fabricated by Western politicians, anti-China forces
Thu Sep 23, 2021 5:08 am by uyghur123
» Xinjiang residents share traditional sports, refute 'cultural genocide' claims
Thu Sep 23, 2021 4:56 am by uyghur123
» شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار
Thu Sep 23, 2021 4:28 am by uyghur123
» Xinjiang residents tell stories of regional development
Thu Sep 16, 2021 12:50 pm by uyghurman
» No one cares more than Chinese government about development in Xinjiang: Chinese envoy
Thu Sep 16, 2021 12:48 pm by uyghurman
» Countries praise China’s poverty reduction, human rights improvement
Thu Sep 16, 2021 12:47 pm by uyghurman
» Just an organization that 'courts' lies
Thu Sep 16, 2021 12:46 pm by uyghurman