يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تەۋرىتەلمەيدۇ
1. bet (jem'iy 1 bet)

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نەق مەيدانغا تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 12 ئامما ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار بىر - بىرىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئۆتۈشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى سۆزلەپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.
«بۇ بۆشۈك مەن ۋە ئىنىم جوۋ ليەنلۇڭغا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە تۆت مىللەتتىن بولغان 25 بالىنىڭ ھەممىسىگە ئىشلىتىلگەن.» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىخو شەھىرىدىن كەلگەن قايرات تويبېك بىر كونا بۆشۈكنى كۆرسەتكىنىچە ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى.
بۇ بۆشۈكنى قايراتنىڭ بوۋىسى بىرەيلەنگە ياساتقۇزغان بولۇپ، قايراتقا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، بۆشۈك ئۇنىڭدىن بىر ياش كىچىك جوۋ ليەنلۇڭغا ئىشلىتىلىشكە ئارىيەتكە بېرىلگەن. بۇ ئىككىيلەن كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئوينايتتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدى. قولدا ياسالغان بۆشۈك پۇختا، چىداملىق بولۇپ، ئەتراپتا بالا تۇغۇلسىلا، ھەممەيلەن قايراتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇ بۆشۈكنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتەتتى. قايرات مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدا، ئارقا - ئارقىدىن جەمئىي 27 بالا بۇ كىچىك بۆشۈكتە بوۋاقلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى بار بولۇپ، ئەڭ چوڭى بۇ يىل 48 ياشقا، ئەڭ كىچىكى ئۈچ ياشقا كىردى. بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئائىلىلەر بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بىر بۆشۈك بىلەن قايرات ۋە جوۋ ليەنلۇڭ يەنە قېرىنداشتەك مېھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشتى.
ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. توقسۇ ناھىيەسىدىكى كالا باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسى سەمەت ئەخمەت بىلەن چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى شياۋلىن ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ بىر - بىرىنى يۆلەپ، ئورتاق بېيىش ھېكايىسىنى سۆزلىدى. لى شياۋلىننىڭ كالىسىغا كېسەل تەگكەندە، سەمەت كېلىپ ياردەم بەردى؛ سەمەت كالا سېتىۋالماقچى بولۇپ مەبلەغ يېتىشمىگەندە، لى شياۋلىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن پۇل چىقىرىپ ياردەم بەردى. بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش، يۆلەش ئارقىسىدا، سەمەتنىڭ يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، لى شياۋلىننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمىمۇ بارغانسېرى زورايدى. ھازىر، ئىككىسى بىرلىشىپ كەنتتىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ياش مەۋلانجان تۇرسۇن بىلەن سۇڭ كەي قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق تەلەپپۇزدا ئىككىيلەننىڭ كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش داۋامىدا ئورناتقان دوستلۇقىنى سۆزلىدى؛ گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان ئابلىكىم روزى بىلەن شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زى گۇيشىننىڭ تونۇشقىنىغا 12 يىل بولغان بولۇپ، قېرىنداشلاردىن بولۇپ كەتكەنىدى. شىنجاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، سىرداشتى، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلدى، ياردەم بەردى ۋە يۆلىدى. نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى زىلەيخان روزى ۋە قىزى ئۆزلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىر جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن بولغان ئىشلار ئۈستىدە توختالغاندا، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچى ئايتۇرسۇن ئەخمەت قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىر ياڭ چىتاڭنى يېقىملىق قىلىپ «ياڭ دادا» دەپ چاقىردى.
ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشنى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە كۆز يۇمۇپ، «ئىرقىي يوقىتىش» «ئىرقىي كەمسىتىش» قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارىتا، نەق مەيداندا سۆز قىلغان ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى شىنجاڭدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىناق - ئىتتىپاق، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان بولۇپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدۇ، سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەيدۇ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان بۇ دوستلۇقنى ھەرگىزمۇ بىرنەچچە ئېغىز يالغان - ياۋىداق سۆز تەۋرىتەلمەيدۇ.

uyghur123- Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06
Similar topics
» يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ
» 【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى】 توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى
» 【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى】 توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى
1. bet (jem'iy 1 bet)
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
|
|
Thu Sep 23, 2021 5:26 am by uyghur123
» Xinjiang residents dismiss 'Uygur Tribunal' allegations of human rights
Thu Sep 23, 2021 5:22 am by uyghur123
» Xinjiang residents debunk lies fabricated by Western politicians, anti-China forces
Thu Sep 23, 2021 5:08 am by uyghur123
» Xinjiang residents share traditional sports, refute 'cultural genocide' claims
Thu Sep 23, 2021 4:56 am by uyghur123
» شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار
Thu Sep 23, 2021 4:28 am by uyghur123
» Xinjiang residents tell stories of regional development
Thu Sep 16, 2021 12:50 pm by uyghurman
» No one cares more than Chinese government about development in Xinjiang: Chinese envoy
Thu Sep 16, 2021 12:48 pm by uyghurman
» Countries praise China’s poverty reduction, human rights improvement
Thu Sep 16, 2021 12:47 pm by uyghurman
» Just an organization that 'courts' lies
Thu Sep 16, 2021 12:46 pm by uyghurman