Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق

Go down

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق Empty ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق

Yollash  uyghurman Wed Aug 04, 2021 6:41 am

شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يۈەن

مېنىڭ ئىسمىم ليۇ يۈەن، مياۋزۇ مىللىتىدىن، 2012 - يىلى شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىگە كىرگەن، ھازىر ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېخى قاچىلاش - چۈشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. شىركەت مەن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، بىز ئۈچۈن «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نى تاپشۇرۇپ، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە پاراۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەن شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندىن بۇيان، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم خاتىرجەملىك بولدى. ھەر ئايدىكى 9000 يۈەن ئەتراپىدىكى مائاش تەمىناتىدىن مەن تولىمۇ رازى. بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ۋە تەن ساغلاملىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، شىركەت بارلىق خىزمەتچىلەرنى مۇكەممەل بولغان كەسپىي ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى، مەسىلەن، بىخەتەرلىك قالپىقى، يېرىم نىقاب، ئەمگەك مۇھاپىزەت ئايىغى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، شىركەت يەنە خىزمەتچىلەرگە قولايلىق تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى، مەسىلەن، ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سەپلەپ بەردى، قونۇشقا خىزمەتچىلەر ياتىقى بار، ياتاق رايونىدا يەنە ۋاسكېتبول مەيدانى، چېنىقىش ئۆيى قاتارلىقلار بار، بىزنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن مول. ھەر يىلى يەنە تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى ۋە يىللىق دەم ئېلىش بار، بىز ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەت قىلساق بولىدۇ. بۇ دەل مەن ئېرىشمەكچى بولغان، ياخشى كۆرىدىغان تۇرمۇش.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شىركىتىمىزگە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى ھەم بۇنى باھانە قىلىپ شىركىتىمىزنى يولسىزلارچە چەكلىدى. مېنىڭ كەچۈرمىشىم شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، بىزنىڭ شىركەتتىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتى كۆڭۈللۈك، تۇرمۇشى بەختلىك، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش خام خىيالى، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش سۇيىقەستى مۇقەررەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.