Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ئەمگىكىم ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن

Go down

ئەمگىكىم ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن Empty ئەمگىكىم ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن

Yollash  uyghurman Wed Aug 04, 2021 6:41 am

ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى پاختىكار بەكرى تۇنىياز

مېنىڭ ئىسمىم بەكرى تۇنىياز، ئۆيۈم ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، H&M قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلاپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى، بۇ تولىمۇ كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، ئۇلار بۇنداق نومۇسسىزلىق قىلىپ، ئاساسسىز يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارسا قانداق بولىدۇ؟ پاختىكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىش پۈتۈن جەريانىغا گۇۋاھ بولدۇم.

ئائىلىمىز 300 مو يەرگە كېۋەز تېرىدى، ھەممىسىدە ماشىنىلاشقان تېرىش قوللىنىلدى، يىلدا ساپ كىرىمىمىز 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. مەن يەرنى باشقۇرۇشقا بىر ئىشچى تەكلىپ قىلدىم، ئۇ 300 مو كېۋەزلىكنى باشقۇرىدۇ، ھەر يىلى ئۇنىڭغا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش بېرىمەن. بۇ بىرنەچچە يىلدا كېۋەز تېرىش ئارقىلىق، ئائىلىمىز خېلىلا كۆپ پۇل يىغدۇق، بۇلتۇر مەن 800 مىڭ يۈەنگە بىر قېزىش ماشىنىسى سېتىۋالدىم، ئائىلىمىزدە ئىشلەتكەندىن سىرت، مەن يەنە قېزىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائىلىمىز ئۈچۈن يەنە بىر كىشىلىك كىرىم قىلدىم.

H&M قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرى پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىدى، ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. مەن داۋاملىق كېۋەز تېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىسىنى قوللاپ، ئۆز ئەمگىكىم ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن.

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.