Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى】 توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

Go down

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى】 توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى Empty 【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى】 توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

Yollash  uyghur123 Thu Jul 29, 2021 5:34 am

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى ئاقتېرەك كەنتىدىكى يېڭىدىن ياسالغان كەنت دەرىجىلىك تاشيولنىڭ يېنىدا، 52 ياشلىق دېھقان توختى ھوشۇر تۆگە قوتىنىنى تازىلىماقتا ئىدى.

  قوتاننىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ قىزىلگۈل ئېتىزى بار ئىدى. «قىزىلگۈل ئېتىزىنىڭ ئالدى تەرىپى ئون مو ياڭاقلىق، يەنە ئالدىغا ماڭساق، زىرائەت ئېتىزلىقى بار، مەن بۇ يىل توققۇز مو يەرگە بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىدىم ...» دېدى توختى ھوشۇر.

  2018-يىلى، ئون نەچچە مو يېرى بار توختى ھوشۇر يەنىلا نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىدە ئىدى. خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاقتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، توختى ھوشۇر ئەر-خوتۇننىڭ ياراملىق ئەمگەك كۈچى ئىكەنلىكىنى، كېلىنىنىڭمۇ ئۆيدە بىكار ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇلارنىڭ ئېتىزىنى ئوت-چۆپلەرنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ئەزاسى ۋاڭ شىچىڭ ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توختى ھوشۇرنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭغا سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي مىساللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول كۆرسەتتى.

  «بوۋاي بۇ بىرنەچچە كۈندە بەك تىرىشتى، سوت مەھكىمىسىدىكى يولداشلار ئېلىپ كەلگەن يېزىقچە شەكىلدىكى سىياسەت، بېيىش چارىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىساللىرىنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتى!» دېدى توختى ھوشۇرنىڭ خوتۇنى ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئۇزاق ئۆتمەي، توختى 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلدى، ئۆيىدىكى بارلىق يىغقان پۇلىنى قوشۇپ، چارۋا سودا بازىرىغا بېرىپ ئون تۆگە سېتىۋالدى.

  كەچتە، توختى ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىدىن ھەرىكەتكە كېلىشنى تەلەپ قىلدى. قىزىلگۈلدىن ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ئۈچ مو يەردە ئۆستۈرەيلى؛ 10 مو ياڭاق دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى ۋاقتىدا چاتاپ، ئوتىنى ئوتاپ سۇغىرايلى؛ ئۆيدە جان سانىمىز كۆپ، ئېشىپ قالغان توققۇز مو يەرگە بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرايلى... «ئەگەر سىياسەتنى ئىگىلىمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلمىساق، قانداقمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز؟» دېدى توختى ھوشۇر.

  يېقىندا مۇخبىر توختى ھوشۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھويلا ئىچىنىڭ ئىنتايىن پاكىز، ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ھويلىغا خاڭگا، لوبو، شوخلا، لازا، ئۈزۈم قاتارلىقلار تېرىلغانىدى. قوتاننىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، نەچچە ئون چىپار توخۇ قاقىلداپ يۈرەتتى.

  «قىزىلگۈلدىن ھەر مو يەردىن 5000 يۈەن، ياڭاقلىقتىن ھەر مو يەردىن 8000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇلتۇر تۆگە بېقىپ 45 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم ...» دېدى چىرايىدىن بەخت تۇيغۇسى چىقىپ تۇرغان توختى ھوشۇر.

  بۈگۈنكى كۈندە، توختى ھوشۇر تۆگە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا تۆگە باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.


uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.