«خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق»
1. bet (jem'iy 1 bet)

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، چوڭ بازاردا خىزمەت ۋە سودا قىلىۋاتقان يەتتە نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ، تىرىشىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئۆز كەچۈرمىشى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشى ئارقىلىق نەق مەيداندا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» «مەدەنىيەت يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى مىس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ لوبىنى سۇلايمان مەمتىمىن ئۆزى بىلەن جاڭ شىڭجيەننىڭ قوشنىدىن تۇغقانغا ئايلىنىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. 1996 - يىلى، ئۇ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تىجارەتچى جاڭ شىڭجيەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشقان، دۇكان ئېچىشقا مەبلەغ كېرەك بولغاندا، جاڭ شىڭجيەن سۇلايمانغا 50 مىڭ يۈەن ئۆتنە بېرىپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، ئۇ جاڭ شىڭجيەن بىلەن ئۆزئارا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئاكا - ئۇكىلارغا ئايلانغان.
«دۇكاندىكى مىس بۇيۇملارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، سودا بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىر كۈندە نەچچە مىڭ يۈەن، ھەتتا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ھەميېنىم تومپايدى، مەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇم.» سۇلايمان مۇنداق دېدى: «يۇرتۇمدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەندى، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدۇ، بىز ھەربىر شىنجاڭلىق بۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، بىز ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى چەكسىز قەدىرلەيمىز ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان نۇرگۈل مۇسىراخۇن قۇرۇق مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جاي - جايلاردىن كەلگەن خېرىدارلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇ قىزى بىلەن شاڭخەيگە بارغاندا ئۇنىڭ شاڭخەيلىك خېرىدارى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، جياڭشىلىق خېرىدارى ئۇنىڭغا ئۇ ياخشى كۆرۈپ ئىچىدىغان قىزىل چاينى ئەۋەتىپ بەردى. نۇرگۈل مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى جاي، ھەر مىللەت خەلق ئىنتايىن ئىتتىپاق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھۈسەنجان يۈسۈپ دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ قۇرۇلۇش، تىجارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ جاي شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى مەھسۇلاتى توپلانغان جاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزى، ئۈرۈمچى ھەتتا شىنجاڭدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت توپى بولۇپ، «شىنجاڭ كۆزنىكى» «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزنىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 2018 - يىلى، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا رەسمىي تىجارەت باشلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى» ۋە شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەت كۆزنىكىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا.
«چوڭ بازاردا ھازىر 1480 سودىگەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان سودىگەرلەر %70 ئەتراپىدا. بۇ بىر قانچە يىلدا، بىز چوڭ بازاردىكى سودىگەرلەرگە قارىتا كارخانا ماركىتىڭىنى باشقۇرۇش، تىجارەت يۈزلىنىشى ۋە يۆنىلىشى، سېتىش قائىدە - يوسۇنلىرى، ماركىتېڭ ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سودىگەرلەرنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماركىتېڭ تەدبىرىنى ياخشىلاپ، كىرىمىنى ئاشۇردۇق.» ھۈسەنجان مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئاممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللايدۇ، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش باش ئەلچىسى رەنا غېنى، داپ دۇكىنىنىڭ لوبىنى نىغمەتجان رەخىمتۇللا، يەنشەن سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىنىڭ لوبىنى ئىبرايىم ئىسمايىل بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ، بىز باشقىلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا قارا چاپلىشىغا يول قويمايمىز.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى مۇبارەك مۇقىيت مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما سالمىقى سىجىل زورايدى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندى. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دۆلەتلەر يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى، پىتنە - ئىغۋالارنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «ئىرقىي يوقىتىش» «مەدەنىيەت يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىقلار مەۋجۇت دەپ داۋراڭ سالدى، بۇ، پۈتۈنلەي ئۇچىغا چىققان يالغان - ياۋىداق سۆز، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دۆلەتلەر بۇنى جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشتىكى قورال قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، بۇ، پۈتۈنلەي چوتنى خاتا سوققانلىق، ھېساباتنى خاتا قىلغانلىق.

uyghur123- Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06
Similar topics
» شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى
» پاختا تېرىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى
» پاختا تېرىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى
1. bet (jem'iy 1 bet)
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
|
|
Thu Sep 23, 2021 5:26 am by uyghur123
» Xinjiang residents dismiss 'Uygur Tribunal' allegations of human rights
Thu Sep 23, 2021 5:22 am by uyghur123
» Xinjiang residents debunk lies fabricated by Western politicians, anti-China forces
Thu Sep 23, 2021 5:08 am by uyghur123
» Xinjiang residents share traditional sports, refute 'cultural genocide' claims
Thu Sep 23, 2021 4:56 am by uyghur123
» شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار
Thu Sep 23, 2021 4:28 am by uyghur123
» Xinjiang residents tell stories of regional development
Thu Sep 16, 2021 12:50 pm by uyghurman
» No one cares more than Chinese government about development in Xinjiang: Chinese envoy
Thu Sep 16, 2021 12:48 pm by uyghurman
» Countries praise China’s poverty reduction, human rights improvement
Thu Sep 16, 2021 12:47 pm by uyghurman
» Just an organization that 'courts' lies
Thu Sep 16, 2021 12:46 pm by uyghurman