Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

Go down

شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى Empty شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

Yollash  uyghurman Tue Jul 20, 2021 10:48 am

«شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ 70 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئىززەت - ھۆرمەت، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، بۇلار ھەممىگە ئايان، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېي گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىي 548 نەپەر ۋەكىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل 353 نەپەر بولۇپ، %64.42نى ئىگىلەيدۇ. بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇكى، ئاپتونوم رايون مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ چاكۇرتى بازىرى چياۋشەنبەي كەنتىدە، كەنت ئاھالە كومىتېتى «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەنت ئىشلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ، «كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويۇش، كۆپچىلىك كېڭىشىش، كۆپچىلىك بېكىتىش، كۆپچىلىك رىئايە قىلىش» شەكلى ئارقىلىق ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىقلارنى كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزدى. «بارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلدى، كەنتتە خەلق ئىستىلى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، جەمئىيەت ئىناق بولدى، بۇ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى چياۋشەنبەي كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خالىمبېك بەيسەن.

2017 - يىلى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىگە تايىنىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى مازار ئورۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھاشىر تاھىر تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى، تاشتىن قوپۇرۇلغان ئۆيى 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە ئالماشتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولدى. «ھازىر پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش، بېزەش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق، مېنىڭ ھەر يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.» ھاشىر مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىمىز، مانا بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى».

ئاۋات ناھىيەلىك سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياڭنىڭ قارىشىچە، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇ ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. چېن شياڭ مۇنداق دېدى: «سانائەت باغچە رايونى كارخانىلارنى شۇ جايدىكى خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى ھەر جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھەربىر كارخانىدا مەخسۇس ئاشخانا، ياتاق تەسىس قىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى. خىزمەتچىلەر ۋاقتىدا ئىش ھەققى ئالدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولدى».

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بىبىگۈل نۇرخاننىڭ قېيىنئاتىسى قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەر ئايدا دوختۇرخانىغا بېرىپ خىمىيەلىك داۋالىناتتى. «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولغاچقا، بىز داۋالىنىش خىراجىتىدىن غەم قىلمىدۇق. مەھەللە يەنە ئائىلىمىزگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ھەل قىلىپ بېرىپ، بىزگە بىر قېتىمدىلا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، بىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى» دېدى بىبىگۈل.

ھازىر، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدۇ، بۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە كاپالەتلىك قىلىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جەزمەن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics
» «خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق»
» «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ۋىدېيو ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى يەتكۈزۈلدى
» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك
» شىنجاڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى
» «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.