Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ماشىنىلىشىش مېنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېۋەز تېرىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى

Go down

ماشىنىلىشىش مېنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېۋەز تېرىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى Empty ماشىنىلىشىش مېنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېۋەز تېرىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى

Yollash  uyghur123 Wed Jun 30, 2021 5:20 am

ساۋەن شەھىرىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسىدىكى پاختىكار ئالغابېك سۇلتانقان

2015 - يىلىدىن باشلاپ، مەن 700 نەچچە مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىدىم. ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا مەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېۋەز ئۇرۇقى، خىمىيەۋى ئوغۇت، سولياۋ يوپۇقلارنى زاكاز قىلىپ، پۇل تاپشۇرۇپ تالۇن كەستۈرىمەن، 4 - ئايدا تېرىقچىلىق مەزگىلىدە مالنى ئېلىپ كېتىمەن. 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كېۋەز مەركەزلىك تېرىلىدىغان ۋاقىت، مەن كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىلىرىنىڭ سېيالكىسىنى ئىشلىتىمەن، ھازىرقى سېيالكىلار ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان، كېۋەزلەر باشتىن - ئاخىر تۈپتۈز تېرىلغان بولۇپ، بىر سېيالكىدا ھەر كۈنى 300 مو يەرگە ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، مەن پەقەت يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ياخشى تەمىنلىسەملا، ئۈچ كۈندە 700 نەچچە مو كېۋەزلىكنى ئاسانلا تېرىپ بولغىلى بولىدۇ. 5 - ئايدا كېۋەز سۇغىرىدىغان چاغدا، مەن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىمەن، پەقەت كەيگۇەننى ياخشى كونترول قىلساملا، سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاشنى ئاپتوماتىك تاماملىيالايمەن. دورا چېچىش تېخىمۇ ئىلغار، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كەسپىي ئائىلىلىرىگە تېلېفون قىلساملا، كەسپىي خادىملار بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىغا ئىگە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېلىپ كېلىپ دەل جايىدا دورا چېچىپ بېرىدۇ. ھوسۇل يىغىدىغان چاغدا، مەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىمەن، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغقاندا ئاپتوماتىك تايلايدۇ، ھەربىر تاي پاختىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى توننا ئەتراپىدا كېلىدۇ، سېتىۋالغان زاۋۇت تايلانغان پاختىنى بىۋاسىتە ئېتىزدىن ئېلىپ كېتىدۇ.

ماشىنىلىشىش مېنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېۋەز تېرىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن بىرنەچچە يىل كېۋەز تېرىدىم، قانداق ۋاقىتتا ئەمگەك قىلىش، قانداق ۋاقىتتا دەم ئېلىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم قارار قىلىمەن، بەزى چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ يالغان ئېيتتى، بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى پەقەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ئېنىق. ئاشۇ چەت ئەل كارخانىلىرىغا يەنە قالايمىقان بىلجىرلىماسلىقنى نەسىھەت قىلىمەن!

uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.