Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

شىنجاڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى

Go down

شىنجاڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى Empty شىنجاڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى

Yollash  uyghurman Tue Jun 22, 2021 4:40 am

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاي ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى بولۇپ، شىنجاڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، «يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» ئارقىلىق، نۇقتىلىق ھالدا دىققەتنى سىياسەت مۇلازىمىتى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى، رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مۇلازىمىتى، سانائەت كەسپى بويىچە لايىھەلەش مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى، بازار ئېچىش مۇلازىمىتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئون چوڭ مۇلازىمەت ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خاس ئېھتىياجىغا قارىتا مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلىنىپ، ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت» تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى قاتلامغا ئايرىپ يېتىشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپلىشىشى، سەرخىللىشىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈردى.

ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لارنى يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش ھەرىكىتى، بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، كارخانىچىلار ئالاقىدار تارماقلارغا كىرىش پائالىيىتى، «جۇڭگو ئىجادكارلىرى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك پائالىيىتى، «پىدائىي مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت قىلىش - مەسلىھەت بېرىشىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى»، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس ھەرىكىتى»، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش، كارخانا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ساپا - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە «كارخانا مىكرو دەرسى» توردا تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتىدىكى ھەربىر تۈرلۈك پائالىيەتنىڭ يەنە بىرقانچە تارماق تۈرلىرى بار. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لارنى يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش پائالىيىتىنى مىسالغا ئالساق، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك تەربىيەلەشلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۆپ يول، كۆپ نۇقتا، كۆپ كۆرۈنۈش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى تورى، ئۈلگە كۆرسىتىش سۇپىسى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ھەم كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا سىجىل ياردەم بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن جەمئىي 381ى بار، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» بولۇپ يېتىشكەن كارخانىدىن 91ى بار.

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.