Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ھېچقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ

Go down

ھېچقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ Empty ھېچقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ

Yollash  uyghurman Tue Jun 22, 2021 4:38 am

قاراماي شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئايگۈل غازى

پومپېئو، جېڭ گوئېن جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا مەن قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

قارامايدا مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئەلالار تاللىنىپ، كۈچلۈكلەر سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار كۈچى، زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە گۈزەل ئوقۇتۇش مۇھىتى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى. نۇرغۇن «70 - يىللاردا تۇغۇلغان»، «80 - يىللاردا تۇغۇلغان»لارنىڭ تەسىراتىدا، دوسكا، بور دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، دوسكىدىن پىرويېكتورغىچە، يەنە نانومېتىرلىق سېزىمچان ئېكرانغىچە، «ئالاقە تورى + مائارىپ» قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىشى مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئۆگىنىشنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئورنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسىمۇ تەدرىجىي ئۆستى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى يېزا ۋە مەھەللىلەردە «ئاياللار ئائىلىسى» پائالىيەت ئۆيى قۇردى. بۇ «ئاياللار ئائىلىسى» پائالىيەت ئۆيلىرى ھەر مىللەت ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاش، ھەر مىللەت ئاياللارنى جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى.

شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولغان پاكىت ئالدىدا، پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى مۇقەررەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ! ھېچقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics
» جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ
» يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ
» ئەمگىكىم ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن
» گۈزەل تۇرمۇشىمىز پاختىغا ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلدى
» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.