Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ

Go down

جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ Empty جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ

Yollash  uyghur123 Wed Jun 16, 2021 11:56 am

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»نىڭ يېقىندا لوندوندا «ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى» ئۆتكۈزگەنلىكىدەك بۇ ئىشقا قارىتا، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالاقىدار «ئارتىس»لارنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ھەمدە بۇ «ساختا سوت»نىڭ رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سۇيىقەست پىلانلاپ قۇرغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر گۇمانىي سوئالىغا پىسەنت قىلماي، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سوت ئېچىپ «ئىسپات ئاڭلاپ»، جۇڭگوغا قارشى بىر تۈركۈم ئۇنسۇرلار ۋە ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس، ئالىملار»نى تېپىپ كېلىپ، «سوتتا گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ»، ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان «ئىرقىي يوقىتىش» مەسىلىسىنى ئىسپاتلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان.

«بىر قانۇنسىز سوتنىڭ ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە قارىتا <ئىسپات ئاڭلاش> ئېلىپ بېرىشى پۈتۈنلەي قانۇننى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ قويغان بىر مەيدان ئويۇنى، خالاس، بۇ ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ بىمەنە «سوت»نى ئاچتى، بۇ ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچسىز. بۇ پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يەنە بىر مەيدان جۇڭگوغا قارشى رەزىل ئويۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى «ئىرقىي يوقىتىش» بىلەن چېتىۋېلىپ، شىنجاڭغا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» قالپىقىنى كىيدۈرۈشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن سامساق قانۇنشۇناسلىق كەسپى نۇقتىسىدىن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»نىڭ قانۇنسىزلىقلىقىنى تەپسىلىي شەرھلەپ چۈشەندۈردى. «غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلار، ئادۋوكاتلار بىلەن <دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى> تىل بىرىكتۈرۈپ سۇيىقەست پىلانلاپ قۇرغان بىر قانۇنسىز تەشكىلاتنىڭ قانداقتۇر <ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى> ئېچىش ھوقۇقى ئەسلا يوق، بىر تۈرلۈك ئىنتايىن ئېغىر خەلقئارا جىنايەتكە قارىتا ئەيىبلەش، بېكىتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشىنىڭ تېخىمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق.» ئەركىن سامساق مۇنداق بىلدۈردى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»نىڭ «سوت» نامىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ چىقارغان ھەرقانداق «ھۆكۈم» «كېسىم»ىنىڭ ھەممىسى بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز، خالاس.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» ئەنگلىيەدە خۇسۇسىي كېپىللىك چەكلىك شىركىتى شەكلىدە قۇرۇلغان، پۈتۈنلەي خەلق ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن تەشكىلات، ساختا سوت بولۇپ، ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ساختا ئالىم، ساختا ئۇچۇر، ساختا سىن، ساختا سۈرەت ئارقىلىق، قانۇن نامىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە كاشىلا قىلىشقا، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنداق بىلدۈردى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»نىڭ «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش» مەيدانى، ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە قارىتا نومۇسسىزلارچە «ئىسپات ئاڭلاش» ئېلىپ بېرىشى پۈتۈنلەي خەلقئارا قانۇن تەرتىپىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىكى «ئىرقىي يوقىتىش»نىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا قارىتا قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىغا قىلىنغان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك، «بۇنداق بىر توپ كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش <سوت> پەقەت شىنجاڭنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى بولغان كۈلكىلىك ئويۇن، <شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش>تىكى رەزىل ئويۇن، خالاس، بۇ پەقەت كىشىلەرگە شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆز، پىتنە - ئىغۋالارنىڭ رەزىللىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ».

شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»نىڭ قىسمەن «گۇۋاھلىق بەرگۈچى»لىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلار ھەقىقىي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭغا قارىتىلغان تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

«ئۇ مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە خورلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى دەپتۇ... دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق ئاچا بولسۇن، ئامېرىكىدا ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تېپىش، ئالدامچىلىق بىلەن يېشىل كارتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىنىسىنىڭ ھايات - ماماتىنى دەستەك قىلىپ ئىغۋا توقۇشىنى كىممۇ ئويلىسۇن!» «ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى» مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئىنىسى ئەكبەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە، مېھرىگۈل تۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممىمىز تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ باقمىدۇق، خارلىنىش تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

«يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى» مەخمۇت تەۋەككۈلنىڭ خوتۇنى ھەبىبەم ھىمىت مۇنداق دېدى: مەخمۇت تەۋەككۈل ئائىلىسى بىلەن كارى بولماي، چېگرا سىرتىغا چىقىپ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشتى، ئۈچ بالىنى باققۇچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە، نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، شۈ گۇيشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. بىر نەچچە غالجىرلاشقان چۈپرەندىنىڭ ئويۇنى پەقەت ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنىلا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزىنى سۈرتۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈش، شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ھەمدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈملەرنى كۆرۈپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئەنگلىيە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق بېيجىڭدىكى چەت ئەل تاراتقۇلىرى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق، ھەمدە خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قىزىقىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.