Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى

Go down

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى Empty «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى

Yollash  uyghur123 Wed Jun 16, 2021 11:54 am

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ئافغانىستان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى جايدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلار سىن ئارقىلىق ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، جارۇللا ھېسامىدىن، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە كابۇلدا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو - ئافغانىستان ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تېررورىزمغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

جارۇللا ھېسامىدىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەشكىلات، كارخانا ۋە شەخسلەرگە قارىتا جازا قوللاندى، بۇ پۈتۈنلەي قاراقچىلىق لوگىكىسى بولۇپ، تۈپ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش. ھازىر، خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ، بەس - بەستە ئادالەت يولىدا ھەق گەپ قىلماقتا، بۇنىڭدىن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى ئاساسسىز ئەيىبلىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ ئافغانىستان خەلقىنى زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئافغانىستاندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى ئۈرۈمچىدە ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللىدى. ئافغانىستانلىق دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى بايقىشى ۋە ھېس قىلىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز.

ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، مائارىپ ساھەسى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە باشقا ئەل ئىچى تەشكىلاتلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلار شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان ئۇزاقتىن بۇيان تېررورىزم ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، توقۇنۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش جەھەتتىكى تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافغانىستان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.