Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ

Go down

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ Empty ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ

Yollash  uyghurman Tue Jun 08, 2021 5:31 am

شىنجاڭ بېيجېڭ گوخې پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتى جەنۇب چىگىت ئايرىش زاۋۇتى:

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ

شىنجاڭ پاختىسى تىلغا ئېلىنسا، بىزگە ئوخشاش شىنجاڭ پاختىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىز بار.

شىنجاڭدا، بارلىق ئەمگەكچىلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن كەسىپ تاللايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان جاينى تاللاش جەھەتتىمۇ ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. باراۋەر، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خادىملار كارخانىلار بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، تېگىشلىك ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىش مەزگىلى قىسقا بولغاچقا، نۇرغۇن دېھقان ئىشلەشنى خالايدۇ.

بىزنىڭ زاۋۇتىمىز 2015 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئىك قۇدۇق كەنتىدە، ئاساسلىقى چىگىتلىك پاختا يىغىپ سېتىۋېلىپ پىششىقلاش، پاختا قىسقا تىۋىتىنى پىششىقلاش قاتارلىق تىجارەتلەرنى قىلىدۇ. چىگىت ئايرىش زاۋۇتى ھەر يىلى جەمئىيەتتىن ئىشچى تەكلىپ قىلىدۇ، زاۋۇتنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى ياخشى، ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلىگەچكە، ھەر قېتىم تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان ھامان، نۇرغۇن كىشى ئىشلەش ئۈچۈن كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلار ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، زاۋۇت دائىم تۈرلۈك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئازادە، خۇشال مۇھىتتا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقە قىلىش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

پاختا پىششىقلاش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يالغاننى ئويدۇرۇپ چىققانلىق بولۇپ، ئاساسسىز گەپ!


uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.