Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ئۆز ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، نەدىمۇ «مەجبۇرلاش» بولسۇن؟

Go down

ئۆز ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، نەدىمۇ «مەجبۇرلاش» بولسۇن؟ Empty ئۆز ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، نەدىمۇ «مەجبۇرلاش» بولسۇن؟

Yollash  uyghurman Tue Jun 08, 2021 5:30 am

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق كۆپ جايدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزنى بىتچىت قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىللىرى پۇقراۋى قونالغۇ، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى، سۈرەتخانا ۋە كىيىم - كېچەك زاۋۇتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەنە توردا مال تونۇشتۇرىدىغان رىياسەتچىلەرمۇ بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

«ئەگەر قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئۆزگەرتىلمىگەن ۋە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىنمىغان بولسا، قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەت جەھەتتە قوللىشى بولمىسا، <گۈلىنىڭ ئائىلىسى> ئوڭۇشلۇق ئېچىلمىغان بولاتتى». قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن سالامەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە ساياھىتى بويىچە ئائىلە زىيارىتى قىلىنىدىغان «گۈلىنىڭ ئائىلىسى»نى ئېچىپتۇ، ھازىر 16 خىزمەتچىسى بار ئىكەن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، ئائىلە شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ. 2020 - يىلى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە تىجارىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھۆكۈمەت ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتەك ياخشى سىياسەت چىقىرىپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپتۇ.

سالامەتكە ئوخشاش كۇچا شەھىرىدىكى ئادىلە ئابلەت ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەم ھەقسىز ئورۇن ۋە 47 كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئادىلەنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا 50 نەچچە خىزمەتچى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق مائاش 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

زۇلپىيە مەخمۇت ھازىر ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئالاقىدار ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ جايدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سالونى ئاچتى. ھازىر، زۇلپىيەنىڭ ئىككى دۇكىنىدا 30 نەچچە خىزمەتچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

«ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىمىزنىڭ دېگىنى ھېساب!» ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تويلۇق سۈرەتخانا ئاچقان تۇردىئەلى مىرزاباي كەسپىي فوتو سۈرەتچىلىك بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق توغرىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى قىرغىزچە سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شۇ جاي ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. 2019 - يىلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېرىم يىللىق تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە فوتو سۈرەت ئىشخانىسى ئېچىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇتۇش ئۈچۈن، بارغانسېرى كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئامما تور ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈردى.

باغراش ناھىيەسىدىكى چالغۇ دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ئەمەرجان ئېزىز دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» دېگەن مۇزىكا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى زالىدا ياڭرىدى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئەمەرجان دۇتار ياساش ھۈنىرىنى «دوۋيىن» «كۇەيشوۋ»دا بىۋاسىتە كۆرسەتتى. ئۈچ - تۆت ئاي ۋاقىت ئىچىدە، مەستانىلىرىنىڭ سانى 120 مىڭغا يېتىپ، ئايلىق كىرىمى نەچچە ئونمىڭ يۈەن بولدى.

توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن پايدىلىنىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىدىكى ئەبەيدۇللا ئۆمەر بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى ئايگۈزەل شامىل شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ساتتى.

«بۇ يىل يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، بىز توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق 100 توننىدىن ئارتۇق قۇرۇق مېۋە سېتىپ، سېتىش سوممىسىنى 5 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى 25 دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق.» ئەبەيدۇللا تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بولۇپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەسپى بارغانسېرى زورىيىپ، پۈتۈن توردىكى مەستانىلىرى 3 مىليوندىن ئاشتى. ئايگۈزەل 2018 - يىلى شۇ جايدىكى بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، توردا مال تونۇشتۇرىدىغان رىياسەتچى بولدى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئارزۇسى بويىچە شىركەتنىڭ تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى بولدى، تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى. كەلگۈسىدە ئۇ ئۆگەنگەن يېڭى تاراتقۇ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىغا ئائىت سىن قويۇلدى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ بوھتان چاپلىغانلىقىغا قارىتا، نەق مەيداندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىللىرىنىڭ غەزىپى تاشتى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، نەدىمۇ «مەجبۇرلاش» بولسۇن؟ بىر جۈپ قولىمىز بىلەن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىۋاتىمىز، يەنە نەدىمۇ «مەجبۇرلاش» بولسۇن؟ كۆپچىلىك ئۆز تەسىراتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرگە رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئۇقتۇرىدۇكى، يالغان - ياۋىداق سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ پاكىتقا ئايلىنالمايدۇ، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش، قارا چاپلاشنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish


 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.