Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

بىزنىڭ كۆزىمىز روشەن

Go down

بىزنىڭ كۆزىمىز روشەن Empty بىزنىڭ كۆزىمىز روشەن

Yollash  uyghur123 Tue Jun 01, 2021 4:55 am

ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇلھەسەن

پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا قارىتا، مەن قاتتىق غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن ھەم پومپېئو، جېڭ گوئېننى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇۋېلىڭلار، بىزنىڭ كۆزىمىز روشەن.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەممەيلەنگە ئايان، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق ۋەزىيىتى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدىغان پاكىت. مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق، مېنىڭ يۇرتۇم چىرا ناھىيەسى ئىلگىرى بىر نامرات، ئارقىدا قالغان جاي ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، چىرا ناھىيەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر مېنىڭ يۇرتۇم خۇددى چىرا قاشتېشىغا ئوخشايدۇ، ئۇ گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مېلودىيە. مەن سانجى شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى ھەمدە باشقا مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ساۋاقداشلار، دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، گەرچە مىللىتىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ناھايىتى يېقىن ئۆتتۇق.

مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. شىنجاڭنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، پومپېئو، جېڭ گوئېن ھامان تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ.

uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish


 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.