Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

خاس باغ - ئورمانلاردىن خۇش ھىد تارالدى

Go down

خاس باغ - ئورمانلاردىن خۇش ھىد تارالدى Empty خاس باغ - ئورمانلاردىن خۇش ھىد تارالدى

Yollash  uyghur123 Tue Jun 01, 2021 4:54 am

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا:

خاس باغ - ئورمانلاردىن خۇش ھىد تارالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن زۇلپىيە خەۋەر قىلىدۇ: «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تاغلىق يەر كۆلىمى %92.4نى ئىگىلەيدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.48 مو، ئاممىنى بېيىتىش ئۈچۈن <خاس>لىققا كۈچەش كېرەك» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ئاخۇنجان ئوسمان 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى.

ھازىر دەل مۇناقى ئۈزۈمنىڭ ياز پەسىللىك پەرۋىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، باغۋەنلەر ئۈزۈم تاللىرىنى چاتاش، سۇغىرىش، ھاشارات يوقىتىش دورىسى چېچىش بىلەن ئالدىراش. «باراڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ، كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرسا، ئۈزۈملەرگىمۇ كۈن نۇرى چۈشۈپ ۋە ھاۋا ئالمىشىپ، مېۋە بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ...» ئۈزۈمنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا گەپ چىقسىلا، ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى بويامەت كەنتىدىكى باغۋەن دادىخان مەمتېلى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ.

2018 - يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستى خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «باغنى كېڭەيتىش»تىن «باغنى ياخشى پەرۋىش قىلىش»قا يۆتكەپ، نامرات ئائىلىلەرنى دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۈزۈمنى يامغۇردىن ساقلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقنى كېڭەيتىش، ئېتىزنى پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مۇناقى ئۈزۈم، ئەنجۈر، بارىن ئۆرۈكى، جىغان قاتارلىق خاس باغ - ئورمانچىلىقتا مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ باغ - ئورمان كۆلىمى 370 مىڭ موغا يېتىپ، سورتى كۆپ خىل، ئۆزگىچە خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى ئاچتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىلىرى، ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىش - ئۆستۈرۈش تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى، نۆۋەتتە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ناھىيەلىك، شەھەرلىك ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، يېزا - بازارلىق ئورمان باشقۇرۇش پونكىتلىرى ۋاسىتە قىلىنغان ھەمدە دېھقان تېخنىكلار، باغ - ئورمان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى كۈچەش نۇقتىسى قىلىنغان باغ - ئورمان تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى ھەم باغ - ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، پەننىي ساۋاتلاردىن لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، نۇرغۇن دېھقان خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسىپ ئەھلى بولۇپ قالدى. 2020 - يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستى دېھقانلارنى تەربىيەلەش تۈرلۈك كۇرسىدىن جەمئىي 303 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزدى، 15 مىڭ 343 دېھقان تەربىيەلەشكە قاتناشتى، يەنە بىر تۈركۈم ئۆگىنىش «ئۆرنەك تەجرىبە ئېتىزى»، باغۋەنلەرنىڭ «ئېتىزلىق دەرسخانىسى» بەرپا قىلدى.

سىياسەت چىقىرىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىش... بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىدا «زور ئۆزگىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى: ئەنجۈر مۇراببا ۋە ئەنجۈر قېقىغا ئايلاندى، مۇناقى ئۈزۈم قۇرۇق ئۈزۈم ۋە مېۋە ئاچچىقسۈيىگە ئايلاندى، ياڭاق بىلەن چىلان بىرلەشتۈرۈلۈپ پىششىقلانغاندىن كېيىن توردا ئالقىشلانغان ئۇششاق يېمەكلىككە ئايلاندى، جىغان ئىچىملىك ۋە كاپسۇلغا ئايلاندى...

توردا سېتىشتىن تور سىرتىدا سېتىشقىچە «يېڭى شەكىل»لەر كۆپەيدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا، ۋىيشىن دۇكانلىرىدا، ۋىيشىندىكى دوستلار چەمبىرىكىدە، دائىم تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن خېرىدارلار تارتقان قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ خاس باغ - ئورمان سۈرەتلىرىنى، قالدۇرغان سۆزلىرىنى، ديەنزەنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«پامىردىن چىقتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تونۇلدى، شېرىن تەمى تىلدا قالدى، ئەسلىمە مەڭگۈ دىلدا قالدى.» بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا، جياڭشىلىق بىر خېرىدار قالدۇرغان بۇ باھا سۆزى ھەم قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىستىقبالىدىن دېرەك بەرگەنىدى.


uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish


 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.