Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

Go down

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ Empty پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

Yollash  uyghurman Mon May 24, 2021 5:50 am

قاراماي شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرسۇن ھەسەن

پومپېئو، جېڭ گوئېن پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قەستەن ساختا خەۋەر ئويدۇرۇپ چىقىپ، ھەق - ناھەقنى، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. ئۇلار شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت، دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ! مەن بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قارامايغا كەلگەن نۇرغۇن يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغانلىقىغا ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. چۈنكى ئۇلار باياشات، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار قاراماي قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلىدى، ئىگىلىك تىكلىدى. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ! بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىن قارامايغا كېلىپ ئىشلىگەنلەرنىڭ بەزىلىرى دۇكان ئاچتى، بەزىلىرى قارامايدا ئۆي سېتىۋالدى، ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، يەنە يۇرتىدىن ئاتا - ئانىلىرى، بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىم... بۇ جايدا، ئۇلار ئائىلە تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئىللىقلىقنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. ئۇلار ئەمگەكچان بىر جۈپ قولى ئارقىلىق بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى «ئېتىزدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان» دېھقاندىن قەدەممۇقەدەم كەسىپ ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن شۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدىمكى، ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمىگەن ۋە تەمىنلەپ بەرمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قانداقمۇ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشى بولسۇن!

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھازىر، شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىماقتا، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە! ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ! ھەرقانداق ئادەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish


 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.