Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

پاختا تېرىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

Go down

پاختا تېرىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى Empty پاختا تېرىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

Yollash  uyghurman Mon May 24, 2021 5:43 am

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ خونۇقاي بازىرىدىكى پاختا تەرگۈچى دىلمۇرات ئەخمەتجان

يېقىندا، H&M قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى. بۇ مېنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. پاختىغا رىشتە باغلاپ، پاختا تېرىشقا تايىنىپ بېيىغان شىنجاڭلىق دېھقان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن.

2011 - يىلى، ئوغلۇم ۋە قىزىم داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئائىلىمىزدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ داشۆدە ئوقۇش خىراجىتى مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خوتۇنۇم ئىككىلىمىز ئادەتتىكى دېھقان، ئىككى داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇتۇش، يەنە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى كۆتۈرۈش بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا خېلى زور بېسىم ئىدى. كەنت كومىتېتى ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، يەنە كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ بالىلىرىمغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق تۇرمۇش خىراجىتى ئىئانە قىلدى. لېكىن بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن چوقۇم كومپيۇتېر سېتىۋېلىشى زۆرۈرلۈكىنى، قوشۇمچە تەكرار قىلىش كىتابلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، پۇل خەجلەيدىغان جاينىڭ يەنە كۆپلۈكىنى ئويلاپ، مەن بىر ئاز جىددىيلەشتىم.

بۇ چاغدا، بىز كۈزلۈك يىغىمنى ئاخىرلاشتۇردۇق، دەل شۇ پەيتتە بورتالا شەھىرى قاتارلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار پاختا تەرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. مەن خوتۇنۇم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بورتالا شەھىرىگە پاختا تەرگىلى باردۇق.

كېۋەز تېرىش ئائىلىلىرى بىزنى ئازادە تۇرار جاي بىلەن تەمىنلىدى، يەنە مەخسۇس ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ بىزگە تاماق ئەتكۈزۈپ بەردى. كۈندۈزى، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز باشقا پاختا تەرگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە پاختا تەردۇق، كەچتە، ئۆي ئىگىسى تەرگەن پاختىمىزنىڭ مىقدارىغا قاراپ بىزگە ئىش ھەققىمىزنى بەردى. ئىككى ئاي بولمايلا، مەن ۋە خوتۇنۇم ئىككىمىز 15 مىڭ يۈەن تاپتۇق. تاپقان پۇللارنى ساناۋېتىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، بالىلىرىمىزغا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرەلەيدىغان بولدۇق، بىز يەنە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، كېيىن ھەر قېتىم پاختا تېرىش پەسلىدە، خوتۇنۇم ئىككىمىز پاختا تەرگىلى باردۇق، ئاندىن تاپقان پۇللىرىمىز بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىدۇق.

ھازىر مېنىڭ ئۈچ بالامنىڭ ھەممىسى داشۆنى پۈتكۈزۈپ بولدى، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتىمۇ بار بولدى، خوتۇنۇم ئىككىمىز يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا تاپقان پۇللىرىمىزغا ئون نەچچە قوي سېتىۋالدۇق، بىر كىچىك دۇكان ئېچىۋالدۇق.

بالىلىرىمىز: پاختا بىزنىڭ بەخت گۈلىمىز، دېيىشىدۇ. H&M قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ رەزىل قىلمىشلار كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ساختا ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇتتى.


uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.