Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىپ، بېيىش مېۋىسىگە ئېرىشىش

Go down

ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىپ، بېيىش مېۋىسىگە ئېرىشىش Empty ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىپ، بېيىش مېۋىسىگە ئېرىشىش

Yollash  uyghur123 Mon May 17, 2021 10:27 am

«بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خۇددى <چوڭ مېڭە>گە ئېرىشكەندەك، <كۆز>گە ئىگە بولغاندەك بولدى، يەر تېرىشىمىزمۇ يېنىكلەپ قالدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرى سەنساكۇ كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش ئاھالىسى پەن شياۋچىن ھاياجانلانغان ھالدا.

كۆز ئالدىمىزدىكى 10 مىڭ مو كېۋەزلىكتە، يۇمران يېشىل كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. تېرىش - مايسا ئۈنۈش مەزگىلىدىن ئېتىز پەرۋىشى - ساغلام مايسا مەزگىلىگىچە، سەنساكوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جېڭ خۇڭجۈن ئائىلىسىنىڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش - شوپۇرسىز ھەيدەش سىستېمىسى قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا ھەر خىل تىپتىكى يېڭى دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، كېۋەزلىكتە موكىدەك ئۆلچەملىك قاتناپ، توپا يۆلەش، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى مەشغۇلاتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

«بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش - شوپۇرسىز ھەيدەش سىستېمىسى ئارقىلىق تېرىش بىلەن ئەنئەنىۋى تېرىش ئۇسۇلىنى سېلىشتۇرساق، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىغاندا بىر مو يەردىن ھوسۇلنى 60 نەچچە كىلوگىرام ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈجۈپىلەپ تېرىغاندا كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئېتىز پەرۋىشى باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەنە نىشانلىق دورا چېچىپ، ئوغۇت بەرگەچكە، دورا ۋە ئوغۇتنى زور دەرىجىدە تېجىگىلى بولىدۇ. بۇ <بىرنى كۆپەيتىپ، بىرنى ئازايتىش> ئارقىلىق، بىر مو يەردىن 300 نەچچە يۈەن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىدىكى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، جېڭ خۇڭجۈن بىلەن پەن شياۋچىن ئېتىز بېشىدا كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىشقا باشلىدى.

«تېرىسا ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىش كېرەك، پەقەت ئەلا سۈپەتلىك بولغاندىلا ئاندىن باھاسى يۇقىرى بولىدۇ» دېدى پەن شياۋچىن. ئالتە يىل بۇرۇنقى باھاردا، يەنىلا مۇشۇ يەردە، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ھېسابلاپ چىققان ھېساباتى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى.

2014 - يىلى، دۆلەت پاختىنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نىشانلىق باھا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئۆزگەرتتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئەينى چاغدا بازارنىڭ ئوتتۇراھال، تۆۋەن سۈپەتلىك پاختىغا بولغان ئېھتىياجى تويۇنۇپ، باھاسىمۇ تۆۋەنلەۋاتاتتى. 2015 - يىلى ئەتىيازدا، ئۆزىنىڭ كېۋەزلىكىگە قاراپ، پەن شياۋچىننى غەم باستى.

پەن شياۋچىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا پۈتۈن ناھىيەدىكى پاختىكارلارنىڭ كۆپىنچىسى تارقاق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، تېرىلىدىغان كېۋەز سورتى 50 خىلدىن كۆپرەك ئىدى، ھەربىر كېۋەز سورتىنىڭ پەرۋىش تېخنىكىسى، ئېچىلىش ۋاقتى، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە پەرق بار ئىدى. كارخانا ۋە كېۋەز تېرىغۇچى ئائىلىلەر پاختا كەسپىنى داۋاملىق قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم تەشكىللىك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

2016 - يىلى، ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ماناس ناھىيەسى يىنتيەن پاختا كەسپى چەكلىك شىركىتى بىلەن لوتۇيى بازىرى لېيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىق بىلەن «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت شەكلىنى قوللىنىپ 30 مىڭ مو كېۋەز تېرىدى. كېۋەز سورتىنى تاللاشتىن تارتىپ تېرىشقىچە، يەنە يىغىۋېلىشقىچە بىرتۇتاش باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرى پىششىقلىغاندىمۇ ئايرىپ دۆۋىلەش، ئايرىپ چىگىت ئايرىش، ئايرىپ سېتىشنى يولغا قويغاچقا، پاختا سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، بازاردا بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن دېھقانلار شۇ يىلى يەنە ئىككىنچى قېتىم تەقسىم قىلىنغان پايدىغا ئېرىشتى.

«شۇ تۈركۈمدىكى پاختىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى باشقا ئوتتۇراھال، تۆۋەن سۈپەتلىك پاختىنىڭكىدىن 1000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى. بۇ، سۈپەتلىك پاختىنىڭ بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، كارخانا ۋە دېھقانلارنىڭمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېدى يىنتيەن پاختا كەسپى لوتۇيى چىگىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ما يوۋخۇڭ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىرنەچچە يىلدا، ماناس ناھىيەسى «دېھقانلار بىلەن كارخانا قول تۇتۇشۇش، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىش»تەك پاختا كەسپى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، پاختىنى تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت، توقۇمىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش يىغىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭى تېخنىكىلارنى كەڭ قوللىنىپ، پاختىنىڭ سۈپىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

بۇ يىل، ماناس ناھىيەسى پاختىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقاردى. «پۈتۈن ناھىيەدە كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ساپ پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كېۋەز ئېتىزلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرىنىڭ كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك پاختىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %90تىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پاختا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى ئاساس سالىمىز» دېدى ماناس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ يىمىن.


uyghur123

Anzahl der Beiträge : 28
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.