Gollandiye Uyghur Yashliri Til oginish Munazire Munbiri
Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.
Izdesh
 
 

Display results as :
 


Rechercher Advanced Search

Partner

يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ

Go down

يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ Empty يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ

Yollash  uyghurman Fri Apr 30, 2021 4:01 am

كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى ئىلھام راخمان

پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، شىنجاڭغا قالپاق كىيگۈزۈپ، بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى «رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان» دېيىشكە بولىدۇ.

كۆپ يىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان سوتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ھەم قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم. كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆپ يىللار ئىلگىرى خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئاممىنىڭ دەۋا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، دەۋا يېتەكچىلىكى، دېلو تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىش، رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش، مال - مۈلۈكنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مەركەزلىك يەتكۈزۈش، ئىجرا قىلىپ دېلو تۇرغۇزۇش ۋە يەتكۈزۈش، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت قاتارلىق كەسىپلەرنى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ فۇنكسىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «بىر بېكەت شەكلى»دىكى، تۈجۈپىلىك، ھەر تەرەپلىمە دەۋا مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز كۆپ خىل ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە سۇپىسى، «بۇلۇت ئارا سوتتا قاراپ چىقىش» سىستېمىسى، شىنجاڭ كۆچمە مىكرو سوت مەھكىمىسى، 12368 دەۋا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، دەۋالاشقۇچىلارنى توردا دېلو تۇرغۇزۇش، توردا سوتتا قاراپ چىقىش، توردا مۇرەسسە قىلىش، توردا ئىجرا قىلىش قاتارلىق دەۋا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق، ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان تەلىپىنى قاندۇردۇق.

قارا بۇلۇت ھامان قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز مۇقەررەركى ھەقىقەتنى يېڭەلمەيدۇ. پومپېئو توقۇغان ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق پەقەت ئۇنىڭ ناچار پەزىلىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل غەرىزىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

uyghurman

Anzahl der Beiträge : 21
Anmeldedatum : 2013-08-06

Choqqigha qaytish Go down

Choqqigha qaytish

- Similar topics
» ھېچقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ
» يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تەۋرىتەلمەيدۇ
» «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى
» جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ
» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك

 
Permissions in this forum:
Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.